Mysql ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ …

ﺑﯩﻠﻮﮒ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻠﻰ ﻳﯩﻠﻼ ﺑﻮﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻫﻪﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﺭﻛﯚﺭﮔﯜﭺ ﺑﯩﻠﻮﮔﯩﻤﻨﻰ ﭘﺎﺭﻭﻟﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﭘﺘﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﯛﺩﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﻣﯘﻻﺯﻣﺘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻣﺪﻩ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ  ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻫﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﯕﺸﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ .

ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ Mysql ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ .

ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ :

ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﻪ ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﻰ my.conf ﻧﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﻧﻰ mysqld ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺯﯨﻤﯩﺰ .

ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻨﻰ mysql ﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﺪﺍﺭﭼﯩﯩﻠﻘﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻳﻤﯩﺰ

ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﻤﯩﺰ .

ﺳﺎﻧﺪﺍﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﺘﯩﺮﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ root ﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻤﯩﺰ

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﺭﺑﯩﻜﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﻰ ﺯﺍﭘﺎﺳﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ : ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺋﻪﺳﻠﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ latin1 ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﺪﻯ . ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﺶ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻰ

ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﺳﺎﯕﻼ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ .

Android Studio ﻏﺎ Gradle ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ Android Annotations ﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ

 

ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻙ ﺑﯘﻳﯩﻨﭽﻪ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﻤﯩﺰ .

ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﺯﺍﻱ

vim ﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

vim ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ  . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﻙ ﺗﻪ vim ﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﯕﺸﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ . ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ vim ﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﻪ ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋ‍ﯙﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﺴﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﻤﯩﺰ .

ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ vimrc ﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﯘﻳﯩﻤﯩﺰ .

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﻰ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯜﮔﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﯩﻤﯩﺰ !

Screen Shot 2015-12-21 at 9.36.54 AM

Xcode ﺗﺎ opencv ﻧﯩﯔ undefined reference for architecture ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ

ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻻ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ . ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩﻧﻰ ﻣﺎﺱ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻗﻼ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

undefined reference for architecture

 

Laravel ﺩﺍ csrf ﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﺵ

ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ laravel ﻧﯩﯔ ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺋﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ .

 

ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ

ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻘﺘﺎ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻧﯚﯞﯦﺘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻗﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺵ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺩﻩﺭﯨﺲ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭﺑﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﺩﻩﻝ-ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺱ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﭘﻮﭼﯩﻼ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺩﯨﻢ . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻫﯧﺴﺎﭘﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ . ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪﻡ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﯘﺳﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻱ . ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻮﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

ﺗﻪﻟﻪﭖ :
ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ
4 2
3 1 4 2
3 4 1 2
3 2 4 1
ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ
YES
No

ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻰ :
ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﻪ 4 ﺗﺎﻝ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﺧﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ .
ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ : 3 1 4 2 ﺩﯨﻦ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ 3 4 1 2 ﺩﯨﻦ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ YES ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ NO ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﺮﯨﻤﯩﺰ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ 3 2 4 1 ﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ .

 

lsyncd ﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﺵ

lsyncd ﺑﻮﻟﺴﺎ inotify-tools+rsync ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ .

ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﯜﻙ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﻰ (负载均衡) ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﻫﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ .

ﻣﻪﻥ ubuntu ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

1. ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺗﯩﻞ ﻫﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﻳﻤﯩﺰ .

2. lsyncd-2.1.5.tar ﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻤﯩﺰ . ﭘﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻦ ﻳﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ (编译) .

3. ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﯩﺴﺎﻝ

ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ github ﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ .

ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ : https://community.rackspace.com/products/f/18/t/158

ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ

ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﺘﻤﯩﺰ

PHP ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ

ﺳﯘﺑﺎﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﺎﻟﯘﻧﯩﻐﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻳﻮﻟﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ . ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪ :

 

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ :

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ : ﺋﺎﺩﺭﯨﺲ

ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺮﻧﻰ ﭘﺎﺭﻭﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺮ : 10.252.119.169

ﭘﺎﺭﻭﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﺮ : 10.161.220.186

1. ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﺮﺩﺍ ssh-keygen ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

2. ssh-keygen ﻧﻰ ﭘﺎﺭﻭﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﺮﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﻤﯩﺰ

[2] ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .

 

3. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ

4. ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﺴﺎ

ﺗﺎﻣﺎﻡ

Mac ﺗﯩﻜﻰ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﻗﯘﺭﺍﻟﻰ Aria2

ﺑﻪﻳﺪﯗ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺍﻟﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺍﻱ ﻫﻪ .

ﺋﯩﺴﻤﻰ : aria2

ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﻜﻠﯩﻜﻰ : 1.7 MB

ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﻰ : aria2-1.19.0-osx-darwin.dmg

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ : ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﺎﻝ

ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﺎﻟﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ

44.pic

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺷﺸﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ .